باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون ئاچقۇچلۇق سۆزدىن ئىككى يىغىندىكى «دۆلەت ئىقتىسادى» ۋە «خەلق تۇرمۇشى»غا نەزەر(1)

2015.03.02 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

  بىرىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىسلاھات

  مۇھىم نۇقتا: ھالقىلىق يىلدا ۋەزىيەتنى قانداق ئوڭشاش كېرەك؟

  بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ «ھالقىلىق يىلى»، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟ جەمئىيەت ئۆچ كۆرىدىغان كونا ئىللەت، ئېغىر كېسەللەر ئالدىدا، قانداق قىلىپ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ خەلقنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي جەھەتلەردىكى ئارزۇسى ئالدىدا، ئىسلاھات خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟....

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، «ئىسلاھات» يەنىلا ھەر ساھە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە.

  ئىككىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش

  مۇھىم نۇقتا: «يولۋاس»، «چىۋىن»گە زەربە بېرىش قايسى تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

  2015-يىلى «يولۋاس»، «چىۋىن»گە زەربە بېرىش قايسى تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاش، «سالتاڭ ئەمەلدارلار»نى نازارەت قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش قاتارلىقلاردىن باشقا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى «ماھىيەتتىن تۈزەش» قۇرۇلۇشى قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇلار بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: يېڭى تۇراقلىق ھالەت

  مۇھىم نۇقتا: GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟

  يىل بېشىدا 31 ئۆلكە بۇ يىللىق GDP مۆلچەر نىشانىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 29 ئۆلكە GDPنى ئاشۇرۇش نىشانىنى تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ ئېتىبار بېرىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ تەكىتلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھەممىسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى لايىھەلەشتىكى «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»كە ئايلاندى.

  1 مىليارد 300 مىليون كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ئىقتىسادىي سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادى «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»كە قانداق ماسلىشىدۇ؟ «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»تە قانداق قىلىپ تىپنى ئۆزگەرتىدۇ؟ بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ۋەكىل ئەزالار «مەسىلىنى يېشىش ئىدىيەسى» ئۈستىدە يەنە مەسلىھەتلىشىدۇ.

  تۆتىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش

  مۇھىم نۇقتا: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگودا «ئادىل، ھەققانىي» بولۇشتا قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟

  كۆپچىلىك بىردەك ئېتىبار بېرىدىغان قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىلىدۇ، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا «قانۇن» چوقۇم ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلىنىدۇ.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلىدا، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» دېگەن سۆز ھەر بىر كىشى كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان كونكېرت تەدبىر بولسىمۇ بولىدۇ، ياكى ھەر بىر جۇڭگولۇقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتىن ھېس قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ.

  بەشىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: يىپەك يولى ئىقتىساد ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى

  مۇھىم نۇقتا: رايونلار ئارا ماسلاشتۇرۇشتا مەنپەئەت چىتلىقىدىن قانداق بۆسۈپ چىقىش كېرەك؟

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» دېگەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە دىپلوماتىيەسىگە تەڭ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا بىر يېرىم يىل بولاي دېدى. دۆلەت ئىچى، سىرتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىگە قارىتا، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»دا دۆلەت قاتلىمىدىن قانداق يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەر بار؟ بۇ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى جامائەت پىكرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇ يىللىق ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر