باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

2015.03.02 10:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن كورېيە 25-فېۋرال جۇڭگو كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ، ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگونىڭ ھازىرغىچە چېتىلىدىغان دۆلەتلەر ئارا سودا سوممىسى ئەڭ كۆپ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئومۇميۈزلۈك بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۈپىتىدە جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ مۇقىم ۋۇجۇدقا چىقىشى- ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا ھاياتى كۈچ قوشۇپلا قالماستىن يەنە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كىلىدۇ.ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئەركىن سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولسىلا، ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپلا قارشى تەرەپ دۆلىتىنىڭ سۈپەتلىك ئەرزان باھالىق تاۋارلىرىنى سېتىۋالالايدۇ. ھازىر جۇڭگو-كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، كورېيە جۇڭگونىڭ 3-چوڭ سودا شېرىكى. ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، 20 يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مال سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش نىسبىتى باج ئېلىش ئوبيېكتى %90تىن، سودا سوممىسى %85تىن ئاشىدۇ. ئىچىۋېتىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، پۇقرالار تاللايدىغان تاۋار تۈرلىرى موللىشىپ، باھاسى بارغانسېرى ئەرزان بولىدۇ.

  بۇلۇپمۇ جۇڭگولۇق ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن كورېيەنىڭ گىرىم بويۇملىرى، كېيىم-كېچەك، توك قازان، ئاپتوماتىك يەر سۈرتكۈچ قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كېرىدۇ. ئەرزان جۇڭگو ياسمىچىلىقىمۇ كۇرېيە پوقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كىرىدۇ.

  جۇڭگو سودا مىنستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان سۆھبەت نەتىجىسىگە قارىغاندا، كېلىشىم دائىرىسى مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق 17ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇڭلاشقا، خەلق ئاممىسى ئەمەلىي نەرىسلەرنى سېتىۋالغاندىن باشقا يەنە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدىكەن.

  ئالايلوق، كېلىشىمدە جۇڭگودىكى كورېيە ساياھەت كوپراتىپلىرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا رۇخسەت قىلىش مەزمۇنى كۆپەيتىلدى، بۇ كورېيەگە ساياھەتكە بېرىشقا ئېھتىياجى بار ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگودىكى كورېيە ساياھەت كوپراتىپلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەسلىھەتى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كورېيەنىڭ ۋىراچلىق سالاھيىتىگە ئىگە دوختۇرلار يەنە جۇڭگودا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرلۇق قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ مۇددىتى 6ئايدىن تەدرىجىي بىر يىلغا ئۇزارتىلىشى مۇمكىن، كەلگۈسىدە ھۆسىن تۈزەش ئىھتىياجى بارلار كورېيەگە بارمايلا ئېلىمىزدە كورېيەنىڭ ھۆسىن تۈزەش دوختۇرلىرىنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

  ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، كورېيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئىقتىدارلىق يانفون، خاتىرە كومپىيۇتىر، گىرىم بۇيۇملىرى، كىچىك تىپتىكى تۇرمۇش ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلار جۇڭگو بازارلىرىدىكى تېز سېتىلىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرى، كېيىم-كېچەك، يېمەكلىك قاتارلىق ئەمگەك زىچ توپلىنىش تىپىدىكى مەھسۇلاتلىرى باھا ئەۋزەللىكى بىلەن تېزدىن كورېيە بازارلىرىنى ئىگىلەيدۇ.

  جۇڭگونىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى شۇنداقلا جۇڭگو بازارلىرىنىڭ كۈنسېرى پېشىپ-يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كورېيە بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەيدىنپەي كېچىكلەيدۇ. ئىككى دۆلەت يۇقىرى كۆپەيمە قىممەتلىك كەسىپ ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ، يەر شارى باھا زەنجىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىككى دۆلەت كارخانىسىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى پۇرسەت ھەم خىرىس.

  كورېيە كارخانىلىرىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بىر مىليارد 370مىليون نوپۇسقا ئىگە جۇڭگو بازىرى شۈھبىسزكى بىر چوڭ پۇرسەت. جۇڭگو بازىرىغا كىرىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىپ، تۈزۈم بوشتىلىدۇ، كورېيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەمما كورېيە كارخانىلىرى جۇڭگو بازارلىرىنى يېڭەلەيدۇ-يوق، بۇنىڭدا «كورېيە ياسمىچىلىقى»نىڭ قانچىلىك يۇشۇرۇن كۈچى بارلىقىغا قاراش كېرەك.

  جۇڭگو كارخانىلىرىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بىر تەرەپتىن كورېيەنىڭ نۇرغۇن ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنىكىسنى ئۈگەنسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئوخشىشپ كېتىدىغان مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، كورېيە بازىرى جۇڭگو يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى سىناق قىلىش مەركىزى ۋە سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ.

  بەزىلەر بازارنى ئىچىۋېتىش ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاجىز ساھەلىرىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بولۇشتىن ئەندىشە قىلماقتا، ئەمما ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، جۇڭگو كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئېلىپ كىلىدىغان پايدا زىياندىن كۆپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر