باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابىشىنزو سۆھبىتىنىڭ ماھىيىتى

2015.02.28 17:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو 25-فېۋرال باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ياردەمچىلىرىنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا قىلىدىغان سۆزىنى تەييارلاش ۋە ئابىشىنزو سۆھبىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. ئابىشىنزونىڭ خۇسۇسىي مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئابىشىنزونى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق سۆھبەتتە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى، تاجاۋۇزچىلىق قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىقنى ئابىشىنزو ئۆزى قارار قىلىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى16 ئەزادىن تەركىب تاپقان. ئۇلار 10 ئالىم، ئۈچ سودا ساھەسىنىڭ رەھبىرى، ئىككى تاراتقۇ مۇخبىرى ۋە بىر خەلقئارا ياردەم بېرىش ئەزاسىدىن ئىبارەت ، بۇلارنى ئابشىنزو ئۆزى تاللىدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابىشىنزو ئۆزى بىلەن ئوخشاش يولدىكى قىسمەن ئوڭچىللارنى تاللىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەزالارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى ئابىشىنزونىڭ ھەر قايسى سىياسىي مەسلىھەت بېرىش كومىتېتلىرىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەن.مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىدىكى ئوڭچىللار ئابىشىنزو 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە تۇنجى قېتىم باش ۋەزىر بولغاندا ئابىشىنزونىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى بولغان ئىدى. ئۇلار ئابىشىنزونىڭ تارىخى قارىشى ، ئۇرۇش قارىشى ۋە ئىچكى تاشقى سىياسىتىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.

  1995-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى تومىچى مۇراياما ئۇرۇشتىن كېيىنكى 50 يىل مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە ياپونىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى ھەمدە جىنايىتى ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقى ۋە ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تارىختا بۇ مۇراياما سۆھبىتى دەپ ئاتالغان ئىدى. 10 يىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى باش ۋەزىر يونىچىرو كوئىزومى ئۇرۇشتىن كېيىنكى 60 يىللىق سۆھبىتىدە مۇراياما سۆھبىتىنى قايتا تەكىتلىدى. ئابىشىنزو گەرچە ئىلگىرىكى سۆھبەتكە ئومۇمىي جەھەتتىن ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئاچقۇچلۇق سۆزنى ساقلاپ قىلىش ياكى ساقلاپ قالماسلىق ھەققىدىكى پوزىتسىيىسى ئېنىق ئەمەس. ئۇ 1-ئاينىڭ ئاخىرى مۇنداق دېدى: مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق، تاجاۋۇزچىلىق، ئەپۇ سوراش دېگەن سۆزلەر ئەسلى پېتىچە تۇرمايدۇ، بەلكى باشقىچە قوللىنىلىپ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تارىخ ۋە ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدىكى ئويلىنىش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  ئابىشىنزو 25-فېۋرالدىكى يىغىندا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە ئابىشىنزو سۆھبىتىنى تۈزۈش جەريانىدىكى بەش چوڭ نۇقتىنى سۇندى. بۇ ياپونىيە تارىختىن قايسى ساۋاقنى ئالدى؟ ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىن خەلقئارا تىنچلىققا قانداق تۆھپە قوشىدۇ؟بۇنىڭدىن كېيىن رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قايسى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك؟ سۆھبەتتە كەلگۈسىنى تەكىتلەشتە ئابشىنزو ئوتتۇرىغا قويغان ئاكتىپ تىنچلىق ئىدىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەپۇ سوراشنى تىلغا ئالماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ياپونىيىنىڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلىرى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار ، ئوردا ئەزالىرى ئابىشىنزوغا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق نەسىھەت قىلىپ، ئابىشىنزو سۆھبىتىنىڭ مۇراياما سۆھبىتى تىموچى كوئىزومىنىڭ سۆھبىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: كىشىلەر ئابىشىنزونىڭ تارىخىي قارىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىللىق باش ۋەزىر سۆھبىتى تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتىشى كېرەك. ئابىشىنزو شەخسىي قارىشىنى بىر يەرگە قويۇپ ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى لازىم. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى مۇنداق دېدى: ئابىشىنزو سۆھبىتىدە مۇراياما سۆھبىتى ۋە تىموچى كوئىزومى سۆھبىتىگە ئېنىق ۋارىسلىق قىلغانسېرى ياپونىيىنىڭ كەلگۈسىگە شۇنچە ئېنىق نەزەر تاشلانغان بولىدۇ. ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقىمۇ يۇقىرىقىدەك پىكىرلەرنى قىلدى.

  ياپونىيىنىڭ شاھزادىسى نارۇخىتو 55-ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گەرچە مەن ئۇرۇشتىن كېيىن تۇغۇلغان بولساممۇ، ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرمىدىم. بىراق ئۇرۇش خاتىرىسى بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆتمۈشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەسلەپ، ئۇرۇشنى بىۋاسىتە بىلمىگەن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئېچىنىشلىق تارىخ ۋە ياپونىيە بېسىپ ئۆتكەن ئاشۇ تارىخنى توغرا يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.

  ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقى قىسمەن تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئابىشىنزو سۆھبىتىدە ئارقىغا چېكىنىش كۆرۈلسە، جۇڭگو ، كورىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى قوشنىلىرى قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر ئابىشىنزو سۆھبىتىدە مۇراياما سۆھبىتىدىكى تارىخى تونۇشقا ۋارىسلىق قىلىنمايدىكەن، ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى، تارىخى مەسىلە سەۋەبىدىن يامانلىشىپ كەتكەن ياپونىيە كورىيە مۇناسىۋىتىنى جەزمەن تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىمۇ ئوخشاشلار ئابىشىنزو سۆھبىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن جۇڭگو،ياپونىيە بىلەن كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىش ياكى بەرمەسلىكىگە دىققەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر