باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېز يوللانما كەسپىدىكىلەر چاغانلىق خىزمەت ئەندىزىسىنى باشلىدى

2015.02.17 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان توردا مال سېتىۋالغۇچىلار سېتىۋالغان تاۋارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمەسلىكتىن ئەندىشە قىلماقتا. تاۋباۋ تورىدا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر ئىستىمالچىلارنى چاغان مەزگىلىدە مال يەتكۈزۈپ بىرەلمەيدىغانلىقى ياكى مالنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى كېچىكتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى يېقىندا «تېز يوللانما كەسپىنىڭ ئاۋات پەسلىدىكى مۇلازىمەت ئىستېمالى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى»نى تارقىتىپ، چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسلىق تېز يوللانما كارخانىلىرىنىڭ تىرانسپورت كۈچى جىددىيلەشكەن ۋە خادىملار كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، ئىستىمالچىلارنىڭ بايرامدىن بۇرۇنقى ۋە بايرام مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىستىمالچىلارنىڭ سەمىگە سالدى.

  يېقىنقى مەزگىلدە تېز يوللانما مۇلازىمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىغا قارىغاندا، كەينىگە سۈرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە، ئىستىمالچىلارنىڭ بۇنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بىر يىل ئالدىراش ئىشلىگەن تېز يوللانما كەسپىدىكىلەر چاغانلىق خىزمەت شەكلىنى باشلىدى، 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ھەر قايسى تېز يوللانما كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن چاغان مەزگىلىدە نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە شۈنفىڭ، سىتۇڭيىدا قاتارلىق بىر قانچە چوڭ تېز يوللانما شىركەتلىرى پۈتۈن يىل دەم ئالمايدىغانلىقى، چاغان مەزگىلىدە نورمال ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىراق بىر قىسىم شىركەتلەرمۇ ھاۋارايى، قاتناش، ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن تېز يوللانمىنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا تەسىر يېتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر