باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يۇرتداشلارغا چاغانلىق بويۇملارنى سوۋغا قىلدى

2015.02.15 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  شىنخۇا تورى، يەنئەن، 13-فېۋرال تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 13-فېۋرال يەنى قەمەرىيە كالېندارى قوي يىلىدىكى چاغاننىڭ ھارپىسىدا، شەنشىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. باش شۇجى تۇنجى بېكىتىدە يەنئەن شەھىرىنىڭ يەنچۈەن ناھىيەسى لياڭجياخې كەنتىگە باردى.

  (بىرىنچى) شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكى مېنىڭ يىلتىزىم

  47 يىل ئالدىدا 15-16 ياشلاردىكى شى جىنپىڭ لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىگە كېلىپ، جاپالىق لېكىن ئۆمۈرۋايەت مەنپەئىتىنى كۆرىدىغان يېزا تۇرمۇشىنى باشلىدى −− گەمىدە تۇرۇپ، كاڭدا ئۇخلاپ، بۈرگىنىڭ چىقىشىغا چىدىدى، كەنتتىكىلەر بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، يېتىپ-قوپۇپ، توغان ياساپ، گەندە توشۇپ، يول ياسىدى، بۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، چوڭ ئەترەتنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىقىنى ئۆتىدى.... تاكى 1975-يىلى كۈزدە توپتوغرا يەتتە يىلدىن كېيىن بۇ يەردىن ئايرىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن قايتا كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ھەممەيلەننىڭ يۈزىگە يىللارنىڭ ئىزناسى بېسىلغان بولسىمۇ، لېكىن قەدىناسلار ئۇچرىشىپ قىزغىن پاراڭلاشتى.

  (ئىككىنچى) باش شۇجى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ چاغانلىق بويۇملارنى سوۋغا قىلدى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە چوڭ ئەترەتنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولغان. شۇ چاغدا بۇنىڭدىن كېيىن شارائىت، پۇرسەت بولسىلا، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان خىزمەت قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. بۇ يەرنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىدىغان ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى تېخىمۇ خالايمەن.

  باش شۇجى يۇرتداشلارغا چاغانلىق بويۇملارنى سوۋغا قىلدى. ھەممە ئائىلىنىڭ ئۇن، گۈرۈچ، ماي، گۆش يەنە باھار بېغىشلىمىسى، چاغانلىق رەسىملەردىن نېسىۋىسى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شى جىنپىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغانىدى.

  يۇرتداشلارمۇ بەس-بەستە باش شۇجىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە تەشەككۇر بىلدۈرۈشتى.

مەنبە: خەلق تورى



مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر