خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ17 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:15-فېۋرال،«غەربىي يۇرتتا شامال،گۈل مىڭ يىل ئىچىلا» ئابدۇكېرىم نەسىردىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت سەنئەتكار، ئەدىبلەر، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ،ئالىملار،ماي بوياق رەسىم ھەۋەسكارلىرى ۋە ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تۇغقانلىرى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن ، ئۇيغۇر، 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ئابدۇكېرىم نەسىردىن ھايات ۋاقتىدا دۆلەت 1-دەرىجىلىك سەنئەتكار ، رەسسام ، تام رەسىم رەسسامى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ماي بوياق سەنئىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تام رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ماي بوياق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.ئۇنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى خەلقئارا ، دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەمدە جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى، جۇڭگو ماي بوياق مۇزېيى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئىتالىيە گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق جايلاردا ساقلانغان. ئۇ يەنە ‹‹ مەملىكەتلىك تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس ›› ، ‹‹ ئاپتونوم رايونلۇق بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس ›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشىپ ، ‹‹ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن ›› دىن بەھرىمان بولغان ھەمدە دۇنيا مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى ‹‹ ئالتۇن ئوردېن ›› غا ئېرىشكەن . تەرجىمە
مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى