باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى

2015.02.12 13:36         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرلىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىل تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان قوش تىل سىنىپلىرى ۋە خەنزۇ سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 2 مىليون 8 مىڭ 300گە يىتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.98 كۆپەيگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يەكەن ناھىيەسى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشنى يىتەكچى قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوش تىل مائارىپ بايلىقى ئامبىرى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپا سىستېما قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 132 مىڭ 600گە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 13 مىڭ 500 كىشى كۆپەيدى، ئاسپىرانتلار ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 38 مىڭ 900 كىشىگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 مىڭ 168 كىشى كۆپەيدى، ئاز سانلىق مىللەت ئىستودېنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %82.69گە يىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى زور كۆلەمدە ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر