باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش پىكىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2015.02.16 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا «يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك شەكلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىكى ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىقنى زايە قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يى جېنچىن مۇنداق دېدى: ھۆججەتتە :دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسى جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەش، ئوزۇق تۈلۈكتە ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى %100كە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆججەتتە: «ئاشلىق ساقلايدىغان جاي، ئاشلىق ساقلاش تېخنىكىسى بولۇش، خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ساقلاش»نى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى تەڭشەش، سەرخىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، كالا، قوي گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا بولغان ئىستىمالنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ھۆججەتتە ئاشلىق زىرائەتلىرى، ئىقتىسادى زىرائەت ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىر تۇتاش پىلانلاندى، «چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوزۇق-تۈلۈككە تەڭ ئېتىبار بېرىش، يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئايلانما تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك يېڭىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسى قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يى جېنچىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھۆججەتتە ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىت بايلىقىنى قوغداش مۇناسىۋىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر