باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنستىرلىقى نامۇۋاپىق يەرلىك خاراكتېرلىك نۇمۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2015.02.16 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئاساسسىز، نامۇۋاپىق يەرلىك خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى قەتئىي بىكار قىلىشنى، نومۇر قوشۇپ بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، نومۇر قوشۇپ بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى پاش قىلىش ۋە ئەرز قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختا سالاھىيەت ياسىغان ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2015-يىلدىن باشلاپ، بارلىق سىناق ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باھالاشنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ھەر قانداق شەكىلدە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باغلىنىشلىق باھالاشنى ئېلىپ بارماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «غەربىي رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ماسلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش پىلانى»نى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايون ۋە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئۆلكىلەردىن ئۆلكە ئاتلاپ قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە كىرىش سانىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلاردىكى ئالى مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر ئەترىتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار سالاھىيىتى ۋە قوبۇل قىلىش تەلىپىنى ئاشكارىلاشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئاشكارىلىمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر