باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇ رۇڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2015.02.17 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇ رۇڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۇ رۇڭنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەشكىلنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، غايەت زور پارا ئالغانلىقى، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دۆلەت مۈلۈكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، جياڭشى ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن ئېغىر چېرىكلىك مەسىلىسىدە ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئېنىقلانغان. سۇ رۇڭنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارىخورلۇق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش مەسىلىسى جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  سۇ رۇڭ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قائىدىسىنى كۆزگە ئىلماي، تەشكىلى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خالىغانچە ھوقۇق سودىسى قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىغا، جەمئىيەت ئىستىلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئېغىر دەرىجىدە چېرىكلەشتى ھەمدە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىستىبداتلىق ھوقۇقى يۇرگۈزۈپ، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ، غايەت زور پايدا ئېلىشقا كۈشكۈرتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شۇ يەرنىڭ سىياسىي مۇھتىغا زىيان يەتكۈزدى، بۇنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، سۇ رۇڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، مەمۇرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلىرى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىشلىق پۇل ۋە نەرسىلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر