خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ17 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاشتۇرۇش ئۈچۈن،يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئۈرۈمچىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، ئاخىرقى نومۇر بويىچە يولغا چىقىشنى چەكلەش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، ھاۋا سۈپىتى ئېغىر دەرىجىدە ناچار كۈنلەردە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاخىرقى نومۇر بويىچە يولغا چىقىشنى چەكلەش لايىھىسىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى