باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دەۋرىمىزدىكى پۇتبول شاھى- قەشقەر ئوغۇل بالىلار كوماندىسى

2015.02.16 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار: قەشقەر ئوغۇلبالا كوماندىسىنى زىيارەت

   قەشقەر ئوغۇلبالا كوماندىسىنىڭ سۆرەتلىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (پراكتىكانىت مۇخبىر ئابدۇۋايىت خەۋىرى) بەش مەيدان مۇسابىقىدا 91 توپ ئۇرغان دېگەننى ئاڭلىسا ئادەم بەلكىم باشقا بىر تەنھەرىكەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن، لېكىن بۇ قەشقەر ئوغۇل بالىلار كوماندىسىنىڭ «جۇڭگو كىم توپ شاھى» ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى جەڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 12- يانۋاردىن باشلاپ تاكى تۈنۈگۈن مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقانغا قەدەر بۇ كىچىك توپ شاھلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

  12- يانۋار، بىز ئۇلارنىڭ مەشىق بازىسى بولغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىگە يېتىپ بارغىنىمىزدا ئۇلار ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان گوئاۋ يۆيې پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تېرنىر- خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندا بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپ ئېلىپ ماڭغاندىكى تەمكىنلىكى، ۋاراتاغا توپ ئۇرغان چاغدىكى جەسۇر، مەردانە، كەسكىن قىياپىتى بىزنى جەلپ قىلىۋالدى. تەخمىنەن يېرىم سائەت ئۆتۈپ، ئۇلار مەشىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن بىزگە كوماندا يېتەكچىسى، تېرنىر ، كوماندا ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بولدى. كوماندا دېرىكتورى ئابدۇۋېلى ئەپەندى بىزگە كوماندىنى تۇنۇشتۇرۇپ: « قەشقەر ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبى(قەشقەر ئوغۇل بالىلار كوماندىسى) 2013- يىلى 11- ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، شامالباغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق قەشقەر شەھىرى، مارالبېششى ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسىدىن پۇتبول تالانتى بار بالىلارنى تاللاپ كېلىپ، مەشىق، تاماق، ياتاق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ، بارلىق چىقىمىنى كۇلۇب ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ قۇرۇلغان. قۇرۇلغاندىن كىيىن، 2014- يىللىق قەشقەر ۋىلايەتلىك مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى،«كىم توپ شاھى» مۇسابىقىسىنىڭ قەشقەر رايونىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ،ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. مۇسابىقىدا ئۈرۈمچى 5- باشلانغۇچ كوماندىسىنى يېڭىپ، غەربى شىمال مۇسابىقە رايونىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، 2014-يىلى 27- دېكابىر گەنسۇ كوماندىسىنى 11دە 1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە كىردى. 2015- يىلى 7- فېۋرال 8 دە1 نەتىجە بىلەن چۇڭچىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى» دېدى. ئابدۇۋېلى ئەپەندى يەنە قۇشۇمچە قىلىپ« ھازىر شىنجاڭدا نۇرغۇن كوماندىلار بىرەر چوڭ مۇسابىقە ئۈچۈنلا تەربىيلىۋاتىدۇ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كوماندىلار تارقىتىۋېتىلىپ شىنجاڭنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى سىجىل بولمايۋاتىدۇ، شۇڭا بىز بۇ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ‹شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى›غا ئوخشاش كەسپى كوماندا قىلىپ قۇردۇق»، دېدى. بۇ خۇشخەۋەر بىزنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى.

  كوماندا تېرنىرى جۈرئەت مۇئەللىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا« كوماندىمىزدا 2003، 2004 ،2005 مۇشۇ ئۈچ يىلىدا تۇغۇلغان ياش دائىرىسىدىكى بالىلار بولۇپ، دەسلەپتە قىيىنچىلىق كۆپ بولغان بولسىمۇ كېيىنچە نەتىجىلىرىمىز ياخشىلانغانسىرى ھەر ساھەدىن ئېرىشكەن ياردەملەرمۇ ، ھەمكارلاشقۇچىلارمۇ كۆپەيدى،شۇنداق بولسىمۇ بۇقېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە بىزدىن يۇقىرىراق ئورۇندا تۇرىدىغان ھەمكارلاشقۇچى تېپىش ئۈچۈن، بېيجىڭ گوئاۋ يۆيې پۇتبول كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشلىرىنى كېڭىشۋاتىمىز» دېدى. ئۇ يەنە كوماندىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ، « بۇ بالىلار كۈندە چۈشتىن بۇرۇن 4 سائەت دەرس ئوقۇيدۇ، چۈشتىن كىيىن مەشىق قىلىمىز، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئاساسەن دەم ئالمايمىز، مۇھىم ھېيت بايراملاردا يېرىم كۈن ياكى بىر كۈن بەك ئېشىپ كەتسە ئىككى كۈن دەم ئالىمىز. بىز ئۆتكەن يىلى 1 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 4 قېتىم سىرتقا چىقتۇق »دېدى. بالىلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە قارىتا جۈرئەت مۇئەللىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ« بۇ مۇسابىقىگە قەشقەردىنلا 100 دەك كوماندا قاتناشقان بولۇپ، بىز ئەڭ ئاخىردا ئۇتۇپ چىققان بولساقمۇ لېكىن بالىلارنىڭ ئىپادىسى بىز ئويلىغاندەك بولمىغان ، بىراق ئۈرۈمچىدىكى مۇسابىقىدىن كىيىن بالىلارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، مۇشۇنداق ياخشى ھالەتنىڭ بىزنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىمىزگە زور رولى بولدى ھەم مۇشۇنداق ياخشى ھالەت ۋە نەتىجە بىزنىڭ كېيىنكى تەرەقىياتىمىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ۋە ئاساسى بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن»دېدى.

  بىز كىچىك پۇتبۇلچىلىرىمىزنىڭ ياتاق تاماق شارائىتىنى كۆرۈپ بېقىش ۋە ئۇلارنى چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياتىقىنى نىشانلاپ ماڭدۇق. ئۇلارنىڭ ياتىقى بىلەن مەشىق مەيدانى يىراق ئەمەس بولۇپ پىيادە ئون مىنۇتلار ئەتراپىدا يېتىپ بارغىلى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ياتىقى ئولىمپىك كەنتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر ياتاقتا ئىككى ئادەم تۇرىدىكەن. تاماقمۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياتاق تاماق مەسىلىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن بىز ھەقىقەتەن مەمنۇن بولدۇق.

  زىيارەت داۋامىدا، كىچىك ئەزىمەتلىرىمىز بەس بەس بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ، ياخشى كۆرىدىغان توپ چولپىنى، ئاتا- ئانىسىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇسى كىيىن ياخشى، چوڭ كۇلۇبلاردا توپ تېپىپ، دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ، شىنجاڭغا، ۋە ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىكەن. ئۇلار يەنە ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قوللاپ مۇشۇنداق توپ تېپىدىغان پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگىنىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى دېيىشتى.

  ئاخىرىدا، ئۇلاردىن چېمپىيون بولۇشقا ئىشەنچىسى بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ،ئۇلار قەتئىي ئاۋازدا چېمپىيون بولالايدىغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 10 توپ ئۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. بىز ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ قايتىپ كەلدۇق.

  ئەتىسى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەپىتىس قىلىش قاتارلىق سىرتقا مەخپىي تۇتىدىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ زىيارەت قىلىشىمىزغا پۇرسەت بولمىدى.

  2015- يىلى 14- يانۋار، جۈملىدىن بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ۋە خۇشاللىق بىر كۈن بولدى. چۈنكى بۈگۈن « كىم توپ شاھى» نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنى بولۇپ ھەيۋەتلىك باشلىنىش مۇراسىمىدىن كىيىن بىرىنچى بولۇپ بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز مەيدانغا چىقتى. ئۇلار مەيداندا كەسپى توپچىلارغا خاس سىلىق لېكىن جانلىق پاسلىرى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت ئىچىدىلا 9- نومۇر ئەلفىردىن بىر توپ ئۇردى. ئاندىن ئۇلار كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 6 توپ ئۇرۇپ، بىر توپمۇ كەتكۈزمەي ، زور پەرق بىلەن كېيىنكى مەيدانغا كىردى. كېيىنكى مەيداندا، كۆپىنچە زاپاس ئەزالار بولغانلىقتىن ۋە قارشى تەرەپمۇ جان تىكىپ ئوينىغانلىقتىن ئۇلار بىر ئاز قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئىككى توپ ئۇرۇپ 8دە 2 نەتىجە بىلەن مەملىكەتنىڭ توپ شاھى بولدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا مەيداننى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن كوماندا يېتەكچىسى، قۇشۇمچە ۋاراتار تېرنىرى ئابدۇرېھىمجان مۇئەللىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ « نەتىجىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولغان بولساقمۇ، لېكىن ھەقىقىي چېمپىيون بولغاندا ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇق، مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن، بولۇپمۇ ۋاراتار دىلمۇراتنىڭ سول قۇلى يارىلانغان بولسىمۇ، ئۇ ئاغرىققا چىداپ مەيدانغا چۈشتى، ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى» دېدى.

  بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن كىيىن قانداق ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ « مەن بىزگە بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ۋە تەجرىبە توپلايدىغان چوڭ سەھنىلەرنىڭ بولۇشىنى، كەسپى تەرەققىيات پۇرسىتى بولۇشىنى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى»دېدى.

  تېرىنىر جۈرئەت مۇئەللىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ« بۇ قېتىم بىز مەملىكەتلىك چېمپيون بولغان بولساقمۇ، يەنە بەزىبىر نۇقسانلار بار، بىز قايتىپ بارغاندىن كىيىن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، كەمچىلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئاكتىپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كىيىن، چېمپيون كوماندا ئەزالىرى بېيجىڭدىكى شىنجاڭلىق تاماشىبىنلار ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئاخباراتچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ گوئاۋ يۆيې كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.

  (خەلق تورىدىن پراكتىكانىت مۇخبىر ئابدۇۋايىت خەۋىرى)

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر