- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش تىزىملىكىدىكى بوش ئورۇنلارغا قايتىدىن تەڭشەپ تىزىمغا ئالدۇرۇش باشلاندى
2015.02.16 15:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىللىق شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارغا ئىككىنچى قېتىملىق پۇرسەت كەلدى: قىسمەن بوش قالغان ئورۇنلارغا قايتىدىن تەڭشەش ئىلىپ بېرىلىدۇ.
14-چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، تەڭشەشكە تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم يېزىقچە، يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان بولۇشى (خەلق ساقچىسى خىزمىتىدە بەدەن ئىقتىدارى لاياقەتلىك بولۇشى)، شۇنداقلا سالامەتلىك تەكشۈرتمىگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئاشكارىلانغان ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىۋاتقانلار، كۆزىتىش ئىلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار؛ بەدەن ئىقتىدارى، سالامەتلىك تەكشۈرۈشلەردە لاياقەتسىز بولغان ئوقۇغۇچىلار، بەدەن ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتىن ۋاز كەچكەنلەر، بەدەن تەكشۈرتكەن، تەكشۈرۈلۈپ ئىشلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىشقا بولمايدىكەن.
بوش خىزمەت ئورنى ۋە شارائىتى، ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلەرنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تورى (www.xjrs.gov.cn) ۋە شىنجاڭ پارتكوم تورى (www.xjkunlun.cn)دا ئېلان قىلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر