باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق ماگىستىر ئاسپىراتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى سىناق نەتىجىسى ئەتە قىلىنىدىكەن

2015.02.11 11:06         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق ماگىستىر ئاسپىراتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى سىناق نەتىجىسى ئەتە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16 دە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى سىناق نەتىجىسىنى «شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ياكى «شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى» دا سۈرۈشتۈرسە ياكى ئىمتىھان بەرگەن ئوروندىن بىۋاستە سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆز نەتىجىسىگە قارىتا گۇمانى بولسا مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە بولغان 3 كۈن ئىچىدە ئۆزلىرى ئىمتىھان بەرگەن ئورۇنغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇپ، كىملىكى ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ، ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈتسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر