باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى تۈپتىن يوقىتىش نېمىشقا بۇنچىۋالا تەسكە چۈشىدۇ؟

2015.02.16 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بۈگۈنگىچە، ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلغان «خەلقئارا ئىتتىپاقى» ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە توپ توغرا 6 ئاي ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، لېكىن بۇ كۆرۈنەرلىك چەكلەش ئۈنۈمى كۆرسىتەلمىدى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى تۈپتىن يوقىتىش نېمىشقا بۇنچىۋالا تەسكە چۈشىدۇ؟ پەقەت ھەربىي ۋاستىگە تايىنىشقا بولامدۇ بولمامدۇ؟ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ توغرىسىدىكى تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «دۆلەت مۇداپىئەسى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىگىل كىروچىكو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئەخلاقىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ھاسىلاتى دېيىشكە بولىدۇ. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىنتايىن قاتتىق تەشكىلىي سىستېما ۋە كۈچلۈك مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە، ھەمدە تور قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەسەبىي كۈچلەر ئىچىدە بىر قەدەر جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. شۇڭا پەقەت ھەربىي ۋاستىگە تايىنىپلا ئۇلارنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيە ئېقىمىدىن ئىش باشلىشىنى توساش كېرەك.

  ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پادىشاھ ئىنىستىتۇتى دۆلەت مۇداپىئەسى تەتقىقاتى فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى بىل پاك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى سۈنئىي مەزھىپىگە تەۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىدىن، شۇنداقلا ئەسەبىي ئىدىيە ئېقىمىقدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ؛ ئۇلار تەڭشەشكە بولىدىغان بايلىققا ئىگە، يۇقىرى مائاش بىلەن رادىكال ئۇنسۇرلارنى جەلىپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى كۆپ، ھەرىكىتى جانلىق. غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا تولا ئەندىشە قىلىپ كەتتى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارمۇ ئېغىر، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش ياكى سۈرىيە ۋە ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش خاھىشى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. غەرب ئەللىرى سىياسىي جەھەتتىن كۆپ ئويلاشقان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئىتتىپاقلىشالمىدى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلالايدۇ.

  فىرانسىيە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى دونى بوساغ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەقدىرى خەلقئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى بېكىتكەن زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ياكى قويالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ رايوندا تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرانى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇرۇشقا ماڭغانلارنى توسىشى، چېگرا رايونىدىكى ھەرخىل قانۇنسىز سودىلارنى چەكلەپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزىشى كېرەك.

  ئىراقنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى جۇبلى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلغان خەلقئارا ئىتتىپاقى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بەرمىدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت بار، ئامېرىكا ئىراق ۋە سۈرىيە ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاتماقچى.

  ئىراق باغدات ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفىسسورى ئامال مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ مالىمانچىلىقىدىن ھەقىقىي پايدا ئالغىنى شەك-شۈبھسىزكى ئامېرىكا. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىدىن پايدىلىنىپ سۈرىيە ۋە ئىراننى ئاجىزلىتىش ھەمدە بۇنىڭدىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئامېرىكىنىڭ شېرىن خىياللىرى. ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشىنى كونترول قىلىغىلى بولىدىغان دائىرىدە كونترول قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش.

  مىسىر كىناناھ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھانى جامال مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلغان خەلقئارا ئىتتىپاقى ئانچە ئىتتىپاق ئەمەس. ئامېرىكا بۇ رايوندا ئالاھىدە مەنپەئەتكە ئىگە، شۇڭا ئۇلار پۈتۈن كۈچ بىلەن زەربە بەرمىدى. بۇندىن باشقا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئەڭ يېقىن ھەمدە مەنپەئىتى باغلاغلىق ئەرەب دۆلەتلىرى كۈچلۈك ئارمىيە چىقىرالمىدى، ئۇلارنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش تەجرىبىسى كامچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ماددىي جەھەتتە بەكلا كۈچلۈك، ئۇلار توختىماي رادىكال ئۇنسۇرلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى تۈپتىن يوقىتىش ئىنتايىن تەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر