باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن تىنچىمايدۇ

2015.02.17 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى بىلەن شەرقتىكى ئەلئارا قوراللىقلار 12-فېۋرال بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا، 15-فېۋرال سائەت نۆلدىن باشلاپ توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى. ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟

  ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى بىلەن شەرقتىكى ئەلئارا قوراللىقلار 12-فېۋرال بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا، 15-فېۋرال سائەت نۆلدىن باشلاپ توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى. لېكىن، 13-فېۋرال كەچتە بىر توپ ئوقى بىر مەكتەپكە چۈشۈپ، يەتتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا قازا قىلدى، بەش ئادەم يارىلاندى. 12-فېۋرال كېلىشىم ھاسىل قىلىپ مۇخبىر ماقالە يوللىغانغا قەدەر، ئۇكرائىنا ئارمىيە دائىرىلىرى بىلەن شەرقتىكى ئەلئارا قوراللىقلارنىڭ باياناتچىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپتىن قازا قىلغانلار 300 گە يېقىنلاشقان. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى گەرچە كىرىزىس ۋە تىنچ ھەل قىلىشقا ئۈمىد ئاتا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىسى كەمچىل بولدى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقىغا ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭلىدە سوئال قويدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېىنكو 14-فېۋرال: ناۋادا ئۇكرائىنا تىنچ بولمىسا، دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىنى يولغا قويىدۇ دېدى.

  پوروشېنكو 14-فېۋرال مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا مۇھىم ئاچا يولدا تۇرماقتا: ياكى شەرقتىكى ئەلئارا قوراللىقلار ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ ۋە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشى، ياكى ئەلئارا قوراللىقلار توقۇنۇشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، بۇ ۋەزىيەتنى ئۇكرائىنا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئارتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان «دونىسسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ رەھبىرى زاھارچىنكو 14-فېۋرال مۇنداق دېدى: ئەلئارا قوراللىقلار چېبالىسەيۋو شەھىرىدىن باشقا «جۇمھۇرىيەت» چېگراسىدا ئۇرۇش توختاتتى، چۈنكى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىدە بۇ تىلغا ئېلىنمىغان.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى تور بېكىتى 13-فېۋرال كەچتە ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو: گەرچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشنىڭ ئەۋجىگە چىقىپ كېتىش خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، تىنچلىققا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ دېگەن. 14-فېۋرال، پوروشېنكو زىيارەتكە بارغان ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشكەندە: ناۋادا يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ماددىلىرى 15-فېۋرالغىچە ھاسىل قىلىنمىسا، ئۇكرائىنا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن جىددىي يىغىن ئېچىپ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دېگەن. بۇندىن ئىلگىرى پوروشېنكو: مەن سۆھبەتتە ئىزچىل ئۇرۇش توختىتىشتا چىڭ تۇردۇم، شەرقتىكى ئەلئارا قوراللىقلار قوبۇل قىلمىغاچقا، 15-فېۋرالغا سۈرۈلۈپ كەتتى دېگەن.

  ئۇكرائىنالىق سىياسىيشۇناس ماگدا مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر بىرىگە ئىشىنىش كەمچىل، يەنە كېلىپ نۇرغۇن قوراللار شەخسلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، بۇنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىدە باشقا قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، لېكىن ئۇكرائىنادىكى رادىكال تەشكىلات «ئوڭ رايون» 13-فېۋرال ئۇرۇش توختىتىشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ئارباتوۋ: ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق ئاساسىي ناھايىتى ئاجىز، ئۇرۇش توختىتىش، ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ كاپالەتلىك مېخانىزمى كەمچىل دەپ قارىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېڭى مىنىسكى كېلىشىمى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىش بەدىلى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىردا مۇرەسسە قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭدىن ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولۇشى ناتايىن. «نورماندىدىكى تۆت تەرەپ» باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچمىدى پەقەت باشلىقلار ئىمزا قويمىغان بىر باياناتنى ئېلان قىلدى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدا تۈپ مەسىلە ئۈستىدە يەنىلا ئىختىلاپىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كىرىمكىن 13-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كېلىشىمنىڭ 11-ماددىسىدا دونباس رايونىنىڭ كەلگۈسى ئورنى مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلىشى تىلغا ئېلىندى، شەرقىي رايونلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ كەچۈرۈپ قىلىنىشى يىغىندا ماقۇللانغان قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، قوراللىق خادىملارنىڭ رەھبەرلىرىنى كەچۈرۈپ قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق دائىرىلەر 13-فېۋرال مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ قىسمەن ماددىلىرى ئارزۇيىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك. 14-فېۋرال ئالاقە گۇرۇپپىسى سۆھبىتىگە قاتناشقان دونىسسىك ۋەكىلى پۇشىلىن مۇنداق دېدى: كېلىشىمنىڭ 11-ماددىسىدا ئۇكرائىنا 2015-يىلى ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ، دونىسسىك ۋە لۇگانسىك رايونى يېقىندىكى بىر قېتىملىق ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

  پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى بادى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسقا مەزگىلدىن قارايدىغانلا بولساق، توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىقىپ، بىر غېرىچ يەرنىمۇ تالىشىپ، ئۆزئارا يول قويمىدى. ئۇلارنى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىغا ئەمەل قىلدۇرۇپ، 15-فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئۇرۇش توختاتقۇزۇشنىڭ قىيىن دەرىجىسى يۇقىرى، شۇڭا مەن ئۇرۇش توختىتىشتىن گۇمانلىنىمەن. لېكىن ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازانى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكتىن، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەت يەنىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولۇشنى رۇسىيە خالىمايدۇ؛ ئۇكرائىنا بۇ مەيدان كىرىزىستىكى ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچى، ئۇزۇن مەزگىللىك مالىمانچىلىق ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىنى ئومۇميۈزلۈك ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇ بۇ كىرىزىستىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ياۋروپا ئەللىرى بوسۇغىسىدا توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى ياكى ئۇرۇش بولۇشنى خالىمايدۇ. بۇ ئامىللاردىن قارىغاندا، ئەپلەشتۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر