باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك

2015.02.15 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان مۇستەھكەم قورغان قۇرۇش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يۆلەش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتى گۈللەپ راۋاجلاندى. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭدې شەھىرىدە پارتىيەلىك كادىرلار يېزىلارغا چۈشۈپ، مەبلەغ تۈرلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈپ، يۆلەش خىزمىتىنى يېزىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى توغرا يۆلەش ئارقىلىق يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇردى؛ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەڭ ئاۋۋال ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۇ، توك يولنى راۋانلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق خەلقنىڭ رىشتىسىنى كۈچەيتتى؛ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىياڭشى تۇجيا مىللىتى، مياۋزۇ مىللىتى ئاپتونوم ئوبلاستى دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەملىشىپ، تاشقى جەھەتتىن يۆلەش ئارقىلىق ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغاتتى.... «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئاز سانلىق مىللەتلەر كەم بولسا بولمايدۇ، بىرسىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جان تومۇرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئامالنىڭ بارىچە تېزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ يادرولۇق مەسىلىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، لېكىن قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆپ بولغاچقا، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا يېتىش سەل قىيىن بولماقتا. ھازىر بۇ كۈرەش نىشانىغا يېتىشقا پەقەت بىر نەچچە يىللا ۋاقىت قالدى، نامراتلارنى يۆلەشتەك ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، بىز نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىپ، نامراتلارنى توغرا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە، ئامما مۇھىم ھالقا. ھەر مىللەت ئاممىسى قول تۇتۇشۇپ، تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى مېلودىيەنى ياڭرىتالايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر