باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ «ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە گۈل سوۋغا قىلىش» ساھىپجامال ئەلچىلەرنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.04 13:59         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ «ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە گۈل سوۋغا قىلىش» ساھىپجامال ئەلچىلەرنى باھالاش پائالىيىتى 2- مارت قۇتۇبى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەمىئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 63 ئايال «باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، سەمىمى بولۇپ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر» دىگەنگە ئوخشاش شان- شەرەپلەرگە نائىل بولدى.

  لى ياڭ-- قۇتۇبى ناھىيىسى «ئالتۇنخان مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش، كۈچ ئۇلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتى»نىڭ مەسئۇلى. گەرچە ئۇنىڭ تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان، مېھرى- شەپقەت يەتكۈزىدىغان كىشىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، كوچا ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار، مېيىپلار ۋە ئاجىز ئامما توپىغا مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئەلا سۇپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتتى. لى ياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى. پات ئارىدا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلىگە قەدەم قويىمىز، بىز كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش جەڭچىلىرىگە ئىللىقلىق ۋە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزىمىز. بىز كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىدىغان جەڭچىلەرگە ئىسسىق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئاپىرىپ بىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

  بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، قۇتۇبى ناھىيەسى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر نامزاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 205 ئايال نامزات ئىچىدىن باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان، كەسپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشىدىغان، ياشانغانلارغا كۆيۈنىدىغان «ساھىپجامال ئەلچى»دىن 63نى باھالاپ چىقتى. شەھەر ئاھالىسى خەيرىنىسا مۇسا مۇنداق دېدى: مۇشۇ «ساھىپجامال ئەلچى»لەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. بىز مۇشۇ 63 كىشىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق ھەم بەك خوشال بولدۇق. ھازىر بىز ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، بۇنىڭدىن كىيىن كۆپچىلىك بىلەن كۈندە دىگۈدەك ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر