باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭلىق ۋەكىللىرى بېيجىڭدا مەركەزلىك تەربىيەلەندى

2015.03.04 13:54         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭلىق ۋەكىللىرى بېيجىڭدا مەركەزلىك تەربىيەلەندى. ۋەكىللەر يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈردى.

  رەيھانگۈل ئېمىر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ۋەكىل. ئۇنى 4 يىل ئىلگىرىكى زىشىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندىكى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دائىرىسى كېڭەيدى. ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كارخانىلاردا خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق مەزمۇندىكى تەكلىپ- پىكىرلەرنى ياخشى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كۆپلىگەن ناھىيە، يېزىلىرىغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلىدى. يېراق بولغاندا دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز بولغان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىغا بېرىپ، شۇ جايدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ھەقىقى تەسىراتىنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەكلىپى قىلدى. رەيھانگۈل بېيجىڭغا بېرىپلا مۇخبىر دوستلىرىنى تەكلىپى ۋە سۆزىنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەكلىپىمنىڭ مەزمۇنى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ، يىغىندا سۆزلەشكە بېرىلىدىغان ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەكرارلىنىپ كەتكەن مەزمۇنلارنى قىسقارتتىم.

  بۇ ئىككى كۈندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكلىپ- پىكىرلىرىنى رەتلەش، ئۆزگەرتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولغان يەنە بىر ۋەكىل مۇختەبەر سادىق مۇنداق دېدى: يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن مەن يەنە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. بۇ قېتىم مەن ياشلار- ئۆسمۈرلەر تەربىيەسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى بالىلاردىن باشلاش ھەمدە دەرسلىككە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تەييارلىدىم. يەنە بىر تەكلىپىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەرەپتىكى مەزمۇندا يېزىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چىن جۇڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا شىنجاڭنىڭ توكىنى رايون ئاتلاپ سىرتقا يەتكۈزۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىلىق ئىككى پارچە تەكلىپنى تەييارلىدى. مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ بېيجىڭدا ھېلىلا سېتىۋالغان پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى قىتىرقىنىپ كۆرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكلىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتاتتى. چىن جۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە مەن بەزى ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر تورى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، پاكىز ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، يەر شارى بويىچە ئېنېرگىيە تورىنى بەرپا قىلىشقا ئوخشاش مەزمۇنلار تەكلىپىمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشۈمگە ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر