باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2015.03.04 13:56         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۇرۇشلۇق جايىدا تۇنجى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، جاڭ چۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا جاڭ چۈنشەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلدى؛ قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلارنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى، قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى چاقىرغۇچىلار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

  جاڭ چۈنشەن سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك بۇ ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش-پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، 18 - قۇرۇلتاينىڭ 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئاساسىي روھتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جاڭ چۈنشەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەرقايسى ۋەكىللەر ئومۇمىيلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە قاراپ، چوڭ ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، تۈرلۈك دوكلاتلارنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاد، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى سىياسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ياخشى موھىت يارىتىشقا تىرىشىشى كېرەك؛ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سۇپا ۋە تەشۋىقات كۆزنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ياخشى نامايان قىلىپ، گۇمان، غەم -ئەندىشىلەرنى تۈگىتىش، چۈشىنىش، قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى روھىي كەيپىيات ئارقىلىق شىنجاڭ روھىنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ياخشى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان، شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، شىنجاڭنى بىلىدىغان ۋە شىنجاڭنى قوللايدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بارلىق ۋەكىللەر قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدىنى بىلىپ، قائىدىگە ھۆرمەت قىلىپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ياخشى بولغان يىغىن ئىستىلىنى ساقلاپ، بۇرچىنى نەمۇنىلىك، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئادا قىلىپ، يىغىن كۈن - تەرتىپلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تولۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر