باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«گوۋۇيۈەن ئىكىسپورت ياندۇرما بېجى يۈكى تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»نى تارقاتتى

2015.03.04 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 3- مارت تېلېگراممىسى. لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەن ئىكىسپورت ياندۇرما بېجى يۈكى تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»نى تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئېلىندى).

  «ئۇقتۇرۇش» مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2015- يىلىدىن باشلاپ ئىكىسپورت ياندۇرما بېجى(ئىكىسپورت قىلىنغان ماللارنىڭ ياندۇرما قۇشۇلما قىممەت بېجى بىلەن تىجارەت بېجىنى قۇشۇلما قىممەت بېجى ئىكىسپورت ياندۇرما بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى پۈتۈنلەي مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ، جايلار 2014- يىلى ئۈستىگە ئالغان ئىكىسپورت ياندۇرما بېجى تۈپ سانى، نورما بويىچە مەركەزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەركەز جايلارنىڭ ئىستېمال بېجىنى داۋاملىق مىقدارىنى ئاشۇرۇپ قايتۇرمايدۇ، 2014- يىللىق ئىستېمال بېجىنى قايتۇرۇش سانى تۈپ سان قىلىنىپ، نورما بويىچە قايتۇرۇلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش» تا: مالىيە مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ ئىكىسپورت ياندۇرما بېجى تۈپ سان بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە مەركەزنىڭ ئىسېمال بېجىنى تۈپ سان بويىچە قايتۇرۇش خىزمىتىگە كونكىرت مەسئۇل بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر