باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسى دېھقانچىلىق رايون چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش يىلى»پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

2015.03.04 14:01         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋات ناھىيەسى دېھقانچىلىق رايون چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش يىلى»پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا چارۋىچىلىقنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ سەرىپ قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  ئاۋات ناھىيەسى تىپىك يېزا ئىگىلىگىنى ئاساس قىلىدىغان جۈملىدىن كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان رايون بولغانلىقتىن ئىلگىرى بۇ ناھىيەدە چارۋىلارنىڭ يەم-خەشەك خام ئەشياسىنى تېرىش كۆلىمىگە ۋە يەم-خەشەك تەيارلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، يەم-خەشەك زاپىسى يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چارۋىچىلار يەم-خەشەكنى سىرىتتىن يۆتكەش جەريانىدا تەنەرقى ئېشىپ كېتىش مەسىللىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ، ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

  ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلەر 2014- يىلى يازلىق يىغىمدىن كىيىنلا يەم-خەشەك تېرىلغۇ پىلانلىرىنى تۇزۇپ، ھەرقايسى يېزا -بازار ،كەنت،گۇرۇپپىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرپ، بۇغداي ئېڭىزىغا 170مىڭ مو تەكرار قوناق، 70مىڭ مو قزىلچا، تېرىلغۇ يىرىدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان باغ، ئېڭىز ۋە زىرائەتلەرگە بىدە كىرشتۈرۈپ تېرىش ئارقىلىق يەم-خەشەك زىرائەتلىرىنى تېرىشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كۈزدە ناھىيە بويىچە ئاز كەم 15مىڭ توننا سىلوس ياسالدى. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى سېتىۋالغانلارغا بىرىلدىغان تولۇقلىما ياردىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا چارۋىچىلىققا ئېھتىياجلىق ماشىنا- سايمان سېتىۋالغانلارغا ۋە نەسىللىك كالا، قوي سېتىۋالغانلارغا بىرىدىغان دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلىدىن سىرت يەنە ناھىيە مالىيەسى تولۇقلۇما بىرىشنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى. ئۆتكەن يىلى كۇزدىن باشلاپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى قورو-قوتانلارنى رىمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش، زاپاس ئوت-چۆپ، يەم-خەشەك تەييارلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يىتەكچىلىكنى كۈچەيتتى. نەسىللەندۇرۇش پونكىتلىرىنىڭ تېخنىك كۇچىنى تولۇقلاپ، سۇنئىي ئۇسۇلدا نەسىللەندۇرۇش،كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى. تېخنىك خادىملار بىلەن نەسىللىك چارۋا بېقىۋاتقان چارۋىچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرىنىڭ ئالاقلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چارۋىلارنى سۈپەتتلىك نەسىللەندۈرۈش شارائىتىغا ئگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن نەسىللەندۇرۇلگەن چارۋا-ماللارنىڭ بوغاز بولۇش نىسبىتى %98.8كە يەتتى. بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەن ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقتا نەسىللەندۇرۇلگەن 240 مىڭ تۇياق چارۋا-مال ئارقا-ئارقىدىن تۆللەشكە باشلىدى. 3- ئاينىڭ باشلىرىغىچە ناھيە بويىچە ئېلىنغان سۇپەتلىك تۆل 278 مىڭ 800 تۇياققا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 57مىڭ 400 تۇياق كۆپىيىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %98تىن ئېشىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ يىلقى چارۋىچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر