باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئىقتىساد ساھەسىدە ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالدى

2015.03.04 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى تۇراقلىق ھالەت» سۆزى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەنلا دىققەت قوزغىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. ئىزدەش ماتورىدىكى سانلىق كۆرسەتكۈچىدىن تورداشلارنىڭ «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»كە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؛ «يۇقىرى ئوتتۇرا سۈرئەتلىك ئېشىش»،«يېڭى مۇساپە»،«يېڭى پۇرسەت» قاتارلىق يېڭى سۆز ئىبارىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  نۆۋەتتە جۇڭگودا يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئاددىي پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق تېما بولۇپ قالدى.

  يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئىقتىساد ساھەسى ئۈچۈن يېڭى سۆز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئېلىپ كەلدى.

  بەيدۇ ئىزدەش ماتورىدا «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»نى ھالقىلىق سۆز قىلغان ئىزدەش نەتىجىسى 62 مىليون 800 مىڭغا يىتىپ، «يېڭى تۇراقلىق ھالەت»نىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بەيدۇ ئىزدەش ماتورىدىكى سانلىق كۆرسەتكۈچكە قارىغاندا، «يېڭى تۇراقلىق ھالەت» سۆزىگە دىققەت قىلىش 2014- يىلى 5- ئايدىن باشلانغان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىگەن: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىستىراتېگىيە جەھەتتە نورمال روھىي ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر