باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىرىم تەقسىماتى ئىككى يىغىندا پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان 1- مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى

2015.03.04 14:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ھەر قېتىملىق ئىككى يىغىننىڭ «مۇھىم نۇقتىسى» ھېسابلىنىدۇ. خەلق تورى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، خەلق تورى، شىنخۇا تورى قاتارلىق ئاساسىي تور تاراتقۇلىرىنىڭ ئىككى يىغىن توغرىسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەھلىل قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىككى يىغىندا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭ تېمىسى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىلارغا بىر قەدەر مەركەزلەشكەن: كىرىم تەقسىماتى، يىمەكلىك ۋە تىببىي دورا بىخەتەرلىكى، مۇھىت بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ كاپالىتى، كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى، نوپۇس ئىسلاھاتى، يۆلەش- ئېچىش قاتارلىقلار.

  كىرىم تەقسىماتى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان باش تېما: «كىرىم تەقسىماتى» تېمىسى ئۇدا بەش يىلدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، 2015- يىلى كىرىم تەقسىماتى 1- ئورۇنغا تىزىلىپ، 530 مىڭ ئاۋاز ئېرىشىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى. ئسىلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا، پۇقرالارنىڭ كىرىم تەقىسماتىغا كۆپرەك بۆلۈشىدىن ئىسلاھات مىۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپرەك بەھرلىنىشنى، ئادىل، باراۋەرلىككە بولغان تەقەززالىق ھېسسىياتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر