باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشتا ئىقتىسادچىل بولۇش پرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇردى

2015.03.05 14:48         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشتا ئىقتىسادچىل بولۇش پرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇردى. ۋەكىللەر، ئەزالار يىغىن ئىستىلىدا ئاددى- ساددا، پاكىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتنىشىشتا ئاددى- ساددا بولۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلدۇق، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ يىل ياتاق، تاماق، قاتناش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىقتىسادچىل بولۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى. بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ يىلقى يىغىن خىراجىتىمىز كۆرۈنەرلىك قىسقارتىلدى. خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرۇپىلانىدا ئولتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆددە ئايرۇپىلانىدا ئولتۇرۇشنى چەكلىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىن مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈش پائالىيىتىنى قىلماسلىق ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق ئەزالىرى تۇرۇشلۇق مېھمانسارايدا تېجەشلىك بولۇش باش تېما قىلىندى. بىر قېتىملق چىش چوتكىسى، سۇپۇن ئازايتىلدى. يىغىن يەنە ئەزالارنىڭ يىغىن مۇزاكىرىسىدە مەخسۇس APP يان تېلېفونىنى ئىشلىتىش تۈرىنى يولغا قويدى. يېڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن قەغەز ئىشلىتىش مىقدارى ئازايتىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، تەننەرخ تۆۋەنلىتىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: يان تېلېفون ئارقىلىق يىغىنغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش زور ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش مەسىلىسىدىن قارىساق، كۆپچىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاستە يۈزلىنىپ، راست گەپ قىلىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا بىز پائال ئەقىل- چارە كۆرسىتىدىغان، راست سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان يىغىن ئىستىلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش يەنە ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل يېزىپ تەييارلاشتا گەۋدىلەندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى تەكلىپ- تەۋسىيەلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بىرلىشىپ ئىمزا قويغاندا، تېخىمۇ ئەستايىدىل بولدى، كۆڭۈل قويدى. جايلار تەمىنلىگەن ماتېرىياللار خام ماتېرىيال بولغاچقا، ئىمزا قويغاندا ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئىچىدە قانداق مەزمۇن بارلىقىنى بىلىش مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر