شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى
يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى بەرگەندە، كېڭەشنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈپ، كېڭەيتىپ، كۆپ قاتلاملاشتۇرۇپ ۋە تۈزۈملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى. (سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرماقتا.)
[شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-مارت تېلېگراممىسى] ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانىنى كېڭىشىپ ئورتاق لايىھەلەپ، گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشنى كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئورتاق يارىتايلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا باشلاندى. كېيىنكى ئون كۈچ ئىچىدە، 2100دىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسىغا كۈچ توپلاش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاكتىپ تەكلىپ-پىكىر بېرىدۇ.