باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى باشلاندى(2)

2015.03.04 16:08   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى باشلاندى(2)

  خەلق سارىيىنىڭ تۈمەن كىشىلىك چوڭ زالى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان سىياسىي كېڭەش بەلگىسى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېسىلدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېسىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گىرېلانجې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۇي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۇن، چېن شياۋگاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، ئۇلار يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىش تىگىشلىك ئەزالار 2227 كىشى، كەلگىنى 2153 كىشى، بۇ سان بەلگىلەنگەن كىشى سانىغا ماس كېلىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، دۇ چىڭلىن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇردى، دۆلەت شېئىرى قويۇلدى. يىغىندا دەسلىپىدە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى.

  يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېت دائىمىي كومىتېتىغا ۋەكىل بولۇپ، يىغىندا خىزمەتتىن دوكلات بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز