باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: ئۆلكە، ئاپتون رايون، شەھەرلەرنى كۆزىتىشتە ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقىنى نازارەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك، دېدى

2015.03.04 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 3-مارت تېلېگراممىسى] مۇبىرنىڭ 3-مارت مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركىزىي كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىشخانا مۇدىرى لى شياۋخۇڭ يېقىندا مۇنداق دېگەن: 2015-يىلىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنى كۆزىتىش خىزمىتىدە ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقىنى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىرىنچى قول باشلىقنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ «نۇقسانلىق ئۆستۈرۈلۈشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

  لى شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى كۆزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. كۆزىتىش خىزمىتىنى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرگە ئالاھىدە كېڭەيتىپ، بىرىنچى قول باشلىقلارنى قاتتىق كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار سېپىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپلا قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتىنى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرگە ئالاھىدە كېڭەيتىش مەركىزىي كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ۋىلايەت، شەھەر، يېزىلارنى كۆزىتىش ياكى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەر كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئەمەس بەلكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنى كۆزىتىش خىزمىتىدە ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقىنى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنى كۆزىتىش خىزمىتى مۇستەھكەملىنىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر