باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رەئىسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەكلىپ

2015.03.05 14:53         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ئەزالار تۈنۈگۈن ساھەلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىپ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يولداش يۈجىڭشىڭ جوڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. رەئىس يۈجىڭشىڭ دىنىي ساھەدىكى يولداشلارنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. رەئىس يۈجىڭشىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئەزا بەكرى مامۇتنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر»، «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكتىنىڭ يانفون تور نۇسخىسى يولغا قويۇلسا» دىگەن تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تەپسىلى سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بەكرى مامۇتنىڭ تەكلىپىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈش يولى دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ، مەملىكەتلىك قۇرئان تىلاۋەت ۋەز تەبلىخ مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ دىنىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ياش دىنىي زاتلارنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلەپ، مۇسۇلمان ئاممىنى يېتەكلەپ شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دىنىي خىزمەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش تەكىتلەندى.

  ھازىر ياشلار تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بەكرى مامۇت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنىڭ يانفون تور نۇسخىسى يولغا قويۇلسا دېگەن تەكلىپنى سۇندى. چۈنكى ياش مۇسۇلمان ئاممىنى ئىسلام دىنى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەپ، بىر قىسىم ئاممىنى خاتا ئېتىقاتتىن توغرا ئېتىقادقا يېتەكلەشتە بۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر