شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ ئەزالارنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشتىكى توغرا يول ھەم تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى پارلاق يول، تىنچ تەرەققىيات يولى، ئورتاق سىياسىي ئاساس، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنى يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى