باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزالار سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

2015.03.05 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە سىرتتىن قاتناشقان خادىملار تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى مۇزىكا ساداسىدىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  ئۇچىسىغا ۋازۇچە كىيىنگەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پۇئېر شەھىرىدىن كەلگەن ئەزا ۋېي يىخۇڭ يەنە بىر قېتىم خەلق سارىيىغا كىردى. ئۇ ئۆزى قىزىققان جايلارنى ئەستايىدىل تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇپ چىقتى، خىزمەت دوكلاتى ئۆتكەن يىلىدىكىگە ئوخشاشلا 16 بەت ئىدى. لېكىن تىلى تېخىمۇ ئەمەلىي، نىشان تېخىمۇ ئېنىق، خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ ئىلھام بېرەتتى. «تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئىشقا ئاشۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تىرىشىشىغا تېخىمۇ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ، دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئەزا دىڭ جىنخۇڭ قولىدىكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بەلگە سالدى. ئاددىي يېشىللىق، ئاساسىي مەقسەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان پىلاكات، يىغىن مەيدانى بەكمۇ بېزىلىپ كەتمەپتۇ، ھەقىقەتەن تېجەشلىك ئىش قىلىنىپتۇ، ھېسسىيات ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق شياۋ خۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىل، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يىغىن مەيدانى كىرىپلا ھەيران قالغانلىقىدەك تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ دوكلات سېلىنغان ھۆججەت خالتىسىمۇ ئەڭ ئاددىي ئىكەن، ئاددىي ساددا، ئەمەلىي، ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، مېنىڭچە بۇ مەملىكەتلىك كاتتا يىغىن بولسىمۇ، لېكىن يىغىن ئىستىلى يېڭى بولۇپ، كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىكەن، دېدى.

  تيەنجىن مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەزا پەن چىڭلىن مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئىككى يىغىن ۋاقتى ئۇزارتىلدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ رۇخسەت سوراش تۈزۈمى يەنىمۇ چىڭىتىلدى. مېنىڭچە سەرخىل يىغىن تەرتىپى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنى تېخىمۇ تولۇق ئۇچراشتۇرىدۇ، ئىككى يىغىننىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئىلگىرى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدە خىزمەت قىلغان ئەزا جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەندە مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ھەقىقىي ئادا قىلىشتەك كۈچلۈك تۇيغۇ پەيدا بولدى. يېنىمدىكى ئەزالارمۇ يىلمۇ-يىل ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغان بولدى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېڭى بارغانچە كۈچەيدى. ئۇ يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزگەندە، ئۇلارنى كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر