باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېلزاد زادە «بىر يول بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، مىللىي تىبابەتنىڭ يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى خەلقئارا داۋالاش مەركىزىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.03.05 14:44         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئېلزاد زادە «بىر يول بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، مىللىي تىبابەتنىڭ يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى خەلقئارا داۋالاش مەركىزىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق توغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزاد زادە ئۇزۇن يىل داۋالاش سېپىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئەۋزەل داۋالاش مۇلازىمىتى جۇڭگو تىبابىتى بىلەن مىللىي تىبابەت. بۇ يىللاردا قوشنا دۆلەتلەردىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىلىرى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرىغا كېلىپ داۋالىنىدىغانلار كۆپەيدى. ئاپتونوم رايونىمىز 5 چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەتنىڭ شىنجاڭدا ئەڭ ئەۋزەللىككە ئىگە جۇڭگو تىبابىتى ۋە مىللىي تىبابەت ساھەسىگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىلزاد زادە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى رامكىسى ئىچىدە دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر تىبابىتى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» توغرىلىق كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى» ئۇيغۇر خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمەت بۆلۈمى قۇرۇلۇش تۈرىنى رۇياپقا چىقاردى. لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش تەسكە توختىدى. ئۇيغۇر تىبابىتى، قازاق تىبابىتىنىڭ بۇ يىللاردىكى تەرەققىياتى ئالاھىدە تېز بولدى، لېكىن ئومۇمىي سەۋىيەسى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى، تەتقىقات قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى سېلىنما يەنىلا كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. مەن دۆلەتنىڭ بۇ تەرەپتىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىلغار ئەنئەنىۋىي تىبابەت ئىلمى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تىبابەت ئىلمىگە مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر