باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«دۇنياۋىي خاراكتېرلىك پولات سىمدا مېڭىش مۇسابىقىسى»--- ئادىل ھوشۇرنىڭ پىلانلاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان زور ئىش ئىدى

2015.03.05 14:50         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئادىل ھوشۇر كۆپچىلىككە: بىر مەيدان «دۇنياۋىي خاراكتېرلىك پولات سىمدا مېڭىش مۇسابىقىسى» پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئورنىنىڭ تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئادىل ھوشۇر بۇ پائالىيەت ئارقىلىق دارۋازلىق سەنئىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا كاتتا مەدەنىيەت سوۋغىسى تەقدىم ئېتىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«دۇنياۋىي خاراكتېرلىك پولات سىمدا مېڭىش مۇسابىقىسى»--- ئادىل ھوشۇرنىڭ پىلانلاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان زور ئىش ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇ 10 نەچچە دۆلەتتىكى ماھىرلارغا «جەڭ ئېلان قىلىش خېتى» ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئادىل دارۋازلىقنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەندى، قىيىنلىق دەرىجىسى زور ھەرىكەتلەرگە تەۋەككۇل قىلدى. ئىككى يىغىن ھارپىسىدا، ئۇ سىنگاپوردىن قايتىپ كەلدى. چاغان مەزگىلىدە، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن 6 شاگېرتى بىلەن سىنگاپورغا بېرىپ، ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 29 يىل بولغان «دەريا ساھىلىدىكى باھار» مەدەنىيەت تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت- سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنىلا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىمەن. دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستقا ئويۇن قويغىلى بارغاندا، ئاممىنىڭ بىزنىڭ ئويىنىمىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلەش بەكمۇ مۇھىم ئىكەن.
ئادىل ھوشۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەمئىي 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدىغان نەسىردىن ئەپەندى باغچىسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملانغان، بۇ يىل 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن. غەربىي رايوندىكى دىنس باغچىسى دەپ ئاتالغان شىنجاڭ ئۆرپ- ئادەت، ساياھەت- مەدەنىيەت تۈرىنى دۆلەت تۈر قىلىپ تۇرغۇزغان بولۇپ، 2018- يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ تىجارەت باشلايدىكەن. ئادىل ھوشۇر بۇنداق مەدەنىيەت تۈرى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، بىرىكىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەردەك قەدىمىي شەھەردە نەسىردىن ئەپەندى باغچىسى قۇرۇلسا، چەتئەل ساياھەتچىلىرىنى قەشقەرگە جەلپ قىلىپ، قەشقەرنىڭ سەيلى- ساياھەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە، نەسىردىن ئەپەندى باغچىسى قەشقەردىكى ئەڭ ئاۋات باغچا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر