باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.03.05 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن چىقىرىشنى ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 4-مارت چۈشىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭ يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى قاتارلىق مەسىلە توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  فۇ يىڭ قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك.

  تاراتقۇلار قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە يۈكسەك ئېتىبار بەردى، فۇ يىڭ مۇخبىرنىڭ «بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۆلچەم بېكىتىلەمدۇ، يەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قايسى قانۇنلارغا قاراپ چىقىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھەسى)نى قاراپ چىقىش بۇ قېتىمقى يىغىن قارالمىلىرىنىڭ بىرى، بۇ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى قاتلىمىدىن تۇرۇپ قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۇنجى يىلى، شۇڭا بۇ قانۇننى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۆزگەرتىلىدىغان قانۇننىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، مەسىلەن، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇق چەكلىمىسىنىڭ ئايرىلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، رايون تەسىس قىلغان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يەرلىك قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلدى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەلگىلىمە بېكىتىلدى، يەنى گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت نىزام بېكىتكەندە بېقىندۇرغۇچى قانۇن-نىزام ئاساسى بولماي تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى خالىغانچە كېمەيتىشىگە ياكى پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى خالىغانچە كۆپەيتىشىگە بولمايدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى پۈتۈن تېكىستى بويىچە ئىككى قېتىم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ۋە 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر