باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، مۇھىت ۋە يىمەكلىك دورا ساھەسىدىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىدۇ

2015.03.05 19:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4- مارت ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئېگەللىشىچە، 2015- يىلى مارتتىن 2016- يىلى دېكابىرغىچە، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە «مۇھىت بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى مەخسۇس تۈر بويىچە دىلو تۇرغۇزۇش نازارەت قىلىش پائالىيتى» ۋە « يىمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى مەخسۇس تۈر بويىچە دىلو تۇرغۇزۇش نازارەت قىلىش پائالىيتى»نى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىت بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە يىمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئېغىر جىنايەتكە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بېرىدۇ.

  ئېگەللىنىشچە، تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسلىق ئۈچ تەرەپتىكى نىشاننى چۆرىدەپ، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىدۇ. مەمۇرى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىت بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى دىلولار ۋە يىمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى دىلولارنى دىلو تۇرغۇزۇپ رازۋىتكا قىلىشنى نازارەت قىلىش، بىر تۈركۈم مۇھىت بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى دىلولار ۋە يىمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى دىلولارنىڭ ئارقىسىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يىمەكلىك دوىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر