باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەرلەشتۈرۈش «يۇرتىدىن ئايرىلىش» دىگەنلىك ئەمەس

2015.03.05 18:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەرلەشتۈرۈش دېھقانلارنى «يۇرتىدىن ئايرىش»دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى دېھقانلارنى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە تۇرمۇش ھالىتىدىن بەھرىمەن قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. دېجوۋ شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى تپتىكى يېزا مەھەللىسى ۋە يېزا كەسىپى باغچىسىدىن ئىبارەت «ئىككىنى تەڭ قۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ «يېرىدىن ئايرىلسىمۇ يۇرتىدىن ئايرىلماسلىق، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش، شەھەرگە كىرمەي تۇرۇپمۇ زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆز يېرىدە شەھەرلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئادەمنى ئاساس قىلغان، ئۆز يىرىدە شەھەرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت يېڭى يولىدا مېڭىپ، شەھەر بازار تەرەققىيات جەريانىدا ئۇچرىغان يەر مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇردى.

  بىراق، شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلىشىدا ھازىر بەزىبىر ئۈمۇميۈزلۈك مەسلىلەر مەۋجۇت. مەسلەن، دېھقانلار شەھەرگە كىرسە يېزا نۇپۇسىغا يانداپ بېرىلگەن كۆتۈرە يېرى، تۇرالغۇ يە، پىلانلىق تۇغۇت ئېتىبارى قاتارلىقلاردىن مەھرۇم قېلىتىن ئەنسىرەيدۇ.ئاممىۋى بايلىقلار مۇۋاپىق تەقسىم قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ تەمىنلەش ئۇمۇمى مىقدارى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرىشىنىڭ ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بولغان پەرقى چوڭ.

  دۆلەت يېزىلاردىكى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئاممىۋى بايلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك. بولۇپمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى باھالاشتا، تېخىمۇ ئىلمى مۇۋاپىق ئۆلچەم بېكىتىپ، يېڭى تىپتىكى شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلىشىنىڭ«يېزىلاردا يۇرتىدىن يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، شەھەرلەر چوڭ بولۇشنى قوغلىشىش، يېزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەرمەسلىك»تەك خاتا رايۇنغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر