باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سايلام تۈزۈمىمىزدە مەسىلە بارمۇ؟

2015.03.05 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (ئەسلى ماۋزۇ) فۇيىڭ: ئىككى يىلدىن بېرى 39 نەپەر ۋەكىل سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 4-مارت چۈشىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭ يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى قاتارلىق مەسىلە توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  [جەنۇب شەھەر گېزىتى مۇخبىرى] تاراتقۇلارنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن بۇيان 39 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئىستىپا بەردى ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. بۇ سان ئالدىنقى نۆۋەتلىك بەش يىللىقنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ بىزنىڭ ۋەكىللەرنى سايلىغاندا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتمىغانلىقىمىزمۇ؟ ياكى ۋەكىللەر سايلىمى تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدە كەمچىللىك بارلىقىدىنمۇ؟

  [باياناتچى فۇ يىڭ] خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئۈلگە بولۇپ رىئايە قىلىشى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. كۆپ قىسىم ۋەكىللەر ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ۋەكىللەر شۇ ساھەدىكى ئىلغار شەخسلەر. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دېگەن بۇ سالاھىيەت پەقەتلا بىر ئالاھىدە سالاھىيەت بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتتۇر. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تورلاردا دىققەت قىلىۋاتقانلارنىڭ، گېزىتلاردىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆرىۋاتىمەن. خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىمۇ شۇنچىلىك يۇقىرى. سۇڭا ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېچنىمە قىلماسلىققا بولمايدۇ، قانۇن--ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ۋەكىللەر ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالمىسا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سايلىغۇچى ئورۇن ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىش ھوقۇقى بار. شۇڭا باياتىن دېگىنىڭىز توغرا، بىرنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى 3000 غا يېقىن ۋەكىللەردىن ئىككى يىلدىن بۇيان 39 ۋەكىل قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلدى، بۇ بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئەكىس ئەتتۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەكىللەرگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى %90 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يېزا، ناھىيە دەرىجىلىك بولۇپ، بۇ بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جەمئىي ئىككى مىليون 670 مىڭ ئادەم بار. شۇڭا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئىپادىسىمۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈنۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىدە سىز بايا دېگەن بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىشى، ھەمدە قانۇن ئۆگىنىشكىمۇ ماھىر بولۇشى، قانۇنغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىكنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باشلىنىدۇ. بەلكىم خۇنەن خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دىلوسى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىر چوڭقۇر ساۋاق. شۇڭا بىزمۇ بۇ قېتىملىق يېزا، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى سايلامنىڭ قانۇنىي تەرتىپكە قەتئىي ئۇيغۇن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىشىنى، ئىستىلنىڭ توغرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ قېتىملىق سايلام ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشتەك ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر