باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

2015.03.06 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات بوشلۇقى بار بولدى. شىنجاڭدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ نەزىرىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تىكتى.

  شىبە مىللىتىدىن بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى گو لىنا زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى دېدى: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۇچۇرلاشقان يولدا پەرۋاز قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن شىبە يېزىقى، مانجۇ يېزىقى ئۇچۇر تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغان شىبە يېزىقى، مانجۇ يېزىقى ئۇچۇر تېخنىكىسى دۆلەت ئۆلچىمى خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شىبە يېزىقى، مانجۇ يېزىقىنىڭ ئۇچۇرلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىبە يېزىقى، مانجۇ يېزىقىنى ئۇچۇرلىشىش دەۋرىدىكى بىر يارقىن نۇقتا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇچۇرلىشىش دەۋرىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

  ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى شى ۋېنخەينىڭ بۇ يىلقى تەكلىپىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا بازا بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولىيا شىنجاڭنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك مۇزىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىلىق تەكلىپ يازدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر