باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالىتىگە دىققەت قىلدى

2015.03.05 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ۋە ئارگىنتىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى گىرادو ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئېشىش دەۋرىگە قايتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، ئېشىش سۈرئىتىنى چۈشۈرۈش ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ پىشىشىپ يېتىلىش دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن بېرىلگەن سىگنال.نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى تۆۋەنلەش بېسىمىگە يولۇقماقتا، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق؟قوش ماتورنى ئىشقا سېلىپ، ئوتتۇرىھال يۇقۇرى ئېىششنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ يوق؟ ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە چەتئەلدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسس ئالىملار يېڭى ھالەتكە كىرگەن جۇڭگو ئىقتسادىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە كۆز تىكمەكتە.ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئىقتىسادى تېما ئەڭ دەسلەپ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېما بولىدۇ، بۇ يىلمۇ شۇنداق بولدى، مەمۇرىي ئورگانلارنى قىسقارتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مالىيە باج ئىسلاھاتى، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، باھا ئىسلاھاتى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى قىززىق نۇقتىلىق تېمىلار بولىدۇ.

  ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئىستراتېگيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسسى گەنسىدې مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ يىل جۇڭگونىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى ئاخىرلىشىدىغان يىل، جۇڭگونىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ مۇۋاپپەقيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىشى شۇنداقلا 13-بەش يىللىق پىلاندىكى نىشان ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى كېرەك.

  2014-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %7.4 گە چۈشۈردى، بۇ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ تۆۋەن سۈرئەت، 2015-يىلىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچلەردىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا پېتىرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئادام بوسېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتىرىھال يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشتەك ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرماقتا، بۇ نورمال مۇقەررەر جەريان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ نورمال ئارىلىقتا ساقلاشقا يېتەرلىك بايلىقى بار.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىساددا ئوتتۇرىھال يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىش، ئوتتۇرىھال يۇقۇرى سەۋىيەگە قەدەم تاشلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن بازاردىن ئىبارەت بۇ ئىككى قولنى، بۇ ئىككى ماتورنى ياخشى ئىشلىتىشى كېرەك، بىرىنچى، يېڭى ماتور بەرپا قىلىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئىككنىچى، ئەنئەنىۋىي ماتورنى ياخشى ئىشقا سېلىشى مۇھىمى ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  ئەنگىلىيە ۋارۋىك سودا ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى مەيلاھ بۇنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قوش ماتورنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشى ۋە ئوتتۇرىھال كىرىم قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، قوش ماتور ئىستراتېگيەسىدە قوش ماتور زىچ ماسلىشىشى،ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، ھەرگىزمۇ بىر بىرىنىڭ ئورنىنى دەسسەشكە ئۇرۇنماسلىقى، ئۆزئارا بايلىق تالاشماسلىقى كېرەك.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بېلگىل مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ قوش ماتور ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى-ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى نۇقتىسى ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا بۇرۇلۇش ياساشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تېپىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر جۇڭگو بۇندىن بۇرۇن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتقا تايانغان دېسەك، ئۇنداقتا ھازىر جۇڭگو ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  نۆۋەتتە، ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئالماشتۇرۇشنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان يېڭى ھالەت جۇڭگو ئىقتىسادىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچىغا شۇنداقلا بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆزگە ئايلاندى.

  ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى، سىدنىي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋسترالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بوب كارل مۇنداق دەپ قارىدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى دۇنيا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئېشىشىغا كۆنۈپ قالدى، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ يېڭى قەدىمىگە ئۇيغۇنلىشىشى شەرت. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى كۆزلىمە ئىچىدىكى ئىش شۇنداقلا يېڭى ھالەت، جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپە قوشقۇچىسى.

  بۇ يىل-جۇڭگو 12-بەش يىللىق پىلاننى تاماملايدىغان يىل. 13-بەش يىللىق پىلانغا نەزەر سالساق، يېڭى ھالەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادىدا يەنە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەخرىي پىروفېسسورى كاتو مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ ئاستىلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر، ئۈنۈمى تۆۋەن كەسىپلەرنى شاللاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى 3-كەسىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرى ھەم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، كەسىپنى يېڭىلاپ، كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

  سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چېن كاڭ مۇنداق دېدى: مەيلى 12-بەش يىللىق پىلان، مەيلى 13-بەش يىللىق پىلان بولسۇن، بۇلاردىكى مۇھىم ھالقا-ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە قاتتىق تەدبىر قوللىنىش، مەركەز بىلەن يەرلىك مالىيەلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، بۇنداق ئۆزگەرتىشنى ھەممە كىشىنىڭ قارشى ئېلىشى ناتايىن، بۇندىن بۇرۇن ئېرىشكەن مەنپەئەتكە زىيان سېلىشى مۇمكىن، بۇ-ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەس يېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئامېرىكا كىڭرۈي فوندىنىڭ دائىمىي مۇدىرى بىرېندان ئاخېرىن مۇنداق دېدى: قانچە تەس بولغانسېرى قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە شۇنچە ئىرادە باغلاش كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى زور، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ۋاقىت كېتىدۇ. لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى بار، بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر