باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

ۋەكىللەر ۋە ئەزالار دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىگە كىردى

2015.03.06 13:16         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 – مارت دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ، ئىلگىرى ئەرزىيەت خىزمىتىگە تەكلىپ بەرگەن 12 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنى تۇنجى قېتىم دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ۋە ئەرزىيەت خىزمىتىگە تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇللا ئابباس ئەرز قىلىدىغان ئاممىنى تور ئەرزىيىتى شەكلىنى كۆپرەك قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردى، بۇنداق بولغاندا ۋاقىت ۋە زېھىننى تېجىگەندىن سىرت، دەۋا تەلىپىگىمۇ ۋاقتىدا جاۋاب ئالغىلى بولىدىكەن.

  4 – مارت ئابدۇللا ئابباس شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا ماڭا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىدە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى، تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى. ‹‹ئەرز قوبۇل قىلىش مەركىزىنىڭ قوبۇل قىلىش كۆزنىكى ئۆلكە بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تىزىملايدىكەن، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ھەل قىلىشى زۆرۈر بولغانلارنى ئەرز قىلغۇچىغا ياردەملىشىپ ئالاقىلىشىپ بېرىدىكەن؛ يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تارماقلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئىش بېجىرىش تەرتىپىدە ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا، ئەرز قىلغان ئامما ئىشخانىدا پاراڭلىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن يۈز تۇرا پىكىرلىشىدىكەن››.

  ئابدۇللا ئابباس مۇنداق دېدى: دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكى خەت – چەكلەرنى ئايرىش ئىشخانىسىدا، خىزمەتچىلەر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 پارچە خەت – چەكنى رەتلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم خەت – چەك دۆلەت رەھبىرىگە يېزىلغان بولۇپ، باش شۇجى ۋە زۇڭلىغا يېزىلغان خەتلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن. بۇ خەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن، قىسمەن مۇھىم خەتلەرنى باش شۇجى ۋە زۇڭلىنىڭ كۆرۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

  ۋەكىللەر، ئەزالار توردا ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش تارمىقىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى: ئەرز قىلغۇچى دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتىغا كىرىپ، ئىسچوت نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرسىلا، ئۆيىدىن چىقمايلا مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلالايدىكەن ھەم بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋابقا ئېرىشەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرز قىلغۇچى يەنە توردا ئەرزىيەت مەزمۇنىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايدىكەن، ئاخىرىدا يەنە تېخى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى باھالىيالايدىكەن.

  ئابدۇللا ئابباس مۇنداق دېدى: ئۇزۇن يول يۈرۈپ، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېرىپ مەسىلىنى ئىنكاس قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىننى ئىسراپ قىلىدۇ، ئۈنۈمىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ، بولۇپمۇ چەت، يىراق رايونلاردىكى ئەرز قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەرز قىلىش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ. توردا ئەرز قىلغاندا قاتناش، ياتاق تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئېرىشىدىغان ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، تاراتقۇلارنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق، ئەرز قىلىدىغان ئاممىنى تور ئەرزىيىتى شەكلىنى قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردىم. بۇنىڭدا ئەرزىيەت تارماقلىرىمۇ توردا ئەرزىيەتنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا، ئەرز قىلغان ئاممىنىڭ ۋاقتىدا جاۋابقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر