- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2015.03.05 15:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-مارت تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-مارت تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق يىغىن ئاچتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يىغىندا ئالدى بىلەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى ئۈستىگە ئالدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىن 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئون يېرىم كۈن بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر