باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى

2015.03.05 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-مارت تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى 4-مارت ماقۇللاندى. قارالمىلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ ئىككىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2015- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش؛ ئۈچىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ 2014-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ھەم 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، 2015- يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش؛ تۆتىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى؛ بەشىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ ئالتىنچى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ يەتتىنچى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ سەككىزىنچى، باشقىلار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر