باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-مارت ئىككى يىغىندىكى قىزىق نۇقتىلىق تەكلىپ: تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۈچ يىلغا ئۇزارتىش كېرەك

2015.03.04 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىخۇي مۇنداق دېدى: ئايال كادىر، ئايال تېخنىك خادىملارنىڭ كېچىكىپ پېنسىيىگە چىقىش مەسىلىسى ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇزاق يىلدىن بۇيان مۇراجىئەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ سىياسەت يولغا قويۇلۇپلا قالماستىن «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە «بىر تاياقتىلا ھەيدىمىگەن»، شەخس ئۆزى ئىلتىماس قىلسا، 55 ياشقا كىرگەندە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پېنسىيىگە چىقسا بولىدۇ.

  جاڭ لىخۇي مۇنداق دېدى: ئاياللارنىڭ كېچىكىپ پېنسىيىگە چىقىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش بىلەن باغلاشقىمۇ بولىدۇ. چەت ئەللەرنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش، ھەتتا ئۈچ يىلغىچە ئۇزارتىپ تاكى بالىلىرىنى يەسلىگە بەرگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرسە بولىدۇ. تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش بالىنىڭ مائارىپ، پىسخىكا جەھەتلىرىگە پايدىلىق، ئاياللار تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاياللارنىڭ كېچىكىپ پېنسىيىگە چىقىش سىياسىتى بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر