باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى رامكا پىكرى» ۋە ئالاقىدار ئىسلاھات لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويىدۇ

2015.02.16 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز يېقىندا «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى رامكا پىكرى» ۋە ئالاقىدار ئىسلاھات لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، پات ئارىدا بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ج خ خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ج خ قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى كۆپ قېتىم خ خ ئىشلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ج خ خىزمىتى ۋە ج خ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى قىلدى. مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، «پىكىر» ۋە لايىھە تۈزۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىن يەنە پىكىر توپلىدى ۋە ھەر تەرەپنىڭ پىكرىگە ئاساسەن قايتا-قايتا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى. «پىكىر» ۋە لايىھە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر