باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندوڭ دىن ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.02.17 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ يېقىندا بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارغا بېرىپ، «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ليۇ يەندوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ھۆكۈمەتلەر «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالار ئېڭى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. دىن ساھەسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوغداپ، پائال ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىشى كېرەك. دىنى تەشكىلاتلار ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشكە، ساپاسىنى كۈچەيتىشكە، ئوبرازىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەتەننى دىننى سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. دىن، دىنىي ئەقىدىدە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجابىي ئامىلنى قېزىپ ۋە نۇرلاندۇرۇپ، دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ليۇ يەندوڭ يەنە ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت سورۇنىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر