شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە بىرلىكسەپ ئەزالىرىغا چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى
يۈ جېڭشېڭ ۋە جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى
[خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 12-فېۋرال تېلېگراممىسى] جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-فېۋرال چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە بىرلىكسەپ ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى