باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىندا ئېلان قىلىنغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھات لايىھەسى خەلق تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

2015.02.17 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قانچە زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى رامكا پىكىرى» ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات لايىھەلىرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق سىستېما قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق سىستېما قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كونكىرىت تەدبىر- دۆلەتنىڭ نوپۇس ئاساسى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ پۇقرالار سالاھىيەت نومۇرىنى ئاساس قىلغان پۇقرالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت ۋاكالەت تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت خاتىرىسى بىلەن ئىناۋەتنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ تېز يوللانما، مال ئوبوروت، توردا سېتىۋېلىش قاتارلىق كەسىپلەردە ھەقىقى ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە چەكلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىنىلىدۇ؛

  ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا بىر يۈرۈش قاراتمىلىققا ئىگە تۈزۈم تۇرغۇزۇلدى.

  دېلو تۇرغۇزۇش ھالقىسىدا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلغان دېلولارنى دېلو تۇرغۇزۇپ ئايرىش ۋە دېلو تۇرغۇزۇپ، سىستېما بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. سوراق قىلىش ھالقىلىرىدا ئېغىر جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ھەممىنى ئۈن، سىنغا ئېلىپ، بارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوراق قىلىش جەريانىنى ئۈن، سىنغا ئېلىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە قانۇنسىز ئىسپات ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچەيتىلىپ، ئىسپات ھالقىلىرىدا قانۇنسىز ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش قائىدىسى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  نوپۇس تۈزۈمىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئولتۇراقلىشىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئولتۇراقلىشىش يىل چېكى قاتارلىق شەرتلەر ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق بولغان ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى تۇرغۇزۇلۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئىلىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. نوپۇس يۆتكەشنى توردا يۆتكەش سىناق تۈزۈمى ۋە ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلۇپ، باشقا جايدا نوپۇس ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېجىرىشكە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  مەمۇرىي تەستىقلاشتا مەمۇرىي تەستىقلاشتىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مەمۇرىي تەستىقلاشتىكى ھوقۇق تىزىملىك تۈزۈمى تۇرغۇزۇلىدۇ، ئالايلۇق، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش دائىرىسى كىچىكلىتىلىدۇ. مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى توردا تارقىتىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، ئىش بېجىرىش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  چېگرا مۇداپىئە، چېگرىدىن كىرىپ چىقىش، ئىچكىرى جايلاردىن شىياڭگاڭ، ئاۋمىنغا بېرىپ كېلىش چېگرا تەكشۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا چېگرىدىن كىرىپ چىقىش گۇۋاھنامىسىنى قوبۇل قىلىش تەستىقلاش ھوقۇقى بېرىلىدۇ، بىر تۇتاش، قېلىپلاشقان، جانلىق ئەمەلىي بولغان چەتئەللىكلەر جۇڭگودا ئۇزاق مەزگىل تۈرۈش تۈزۈمى ساغلاملاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  قاتناش باشقۇرۇشتا، شوپۇرلارنى تەربىيەلەش، ئىمتىھان ئېلىش ئىسلاھ قىلىنىپ، شوپۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئالدىن كېلىشىۋېلىپ ئىمتىھان بېرىش، باشقا جايدا ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا جايلاردا ئاپتوموبىلنى تەكشۈرتۈش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جەرىمانە تۆلەش تۈزۈمى تېزدىن تۇرغۇزۇلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، شوپۇرلار مەكتىپى قاتارلىق ئىقتىسادى ئەمەلىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر