باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

2015.02.16 16:00   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16-فېۋرال تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مىكرو بىلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ 15-فېۋرال شىئەن شەھىرى يەنتا رايونى ئېلېكترون شەھىرى كوچىسىدىكى 205-مەھەللىگە بېرىپ ئاھالىدىن ھال سورىغان. كىشىلەر مەھەللە يولىنى قورشاپ، باش شۇجىدىن بەس-بەستە ئەھۋال سورىغان. شى جىنپىڭ خۇشاللىق بىلەن ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەن.

  پائالىيەت ئۆيىدە مەھەللە ئاھالىسىنىڭ ھۆسنخەت ۋە قەغەز قىيما ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. باش شۇجى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ بۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى. باش شۇجى «سەنياڭ كەيتەي» قەغەز قىيمىسىنى قولىغا ئېلىپ مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەل ئامان، يۇرت تىنچ بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قوي يىلىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، خىزمىتىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشىنى تىلەيمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز