باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى: پىچىتىنى بۇزۇش توردا سېتىۋالغان مالنى قايتۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ

2015.03.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن يىلى 13- مارتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان يېڭى ئىستىمالچىلار قانۇنى ئىستىمالچىلارغا توردىن مال سېتۋېلىش پۇشايمان ھۇقۇقىنى ئاتا قىلدى، 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مال قايتۇرغىلى بولسىمۇ، بىراق بۇ ھوقۇقنى ئەمەلىيەتكە قويساق ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدۇ، سودىگەرلەر دائىم قېپىنى ئېچىپ بولغان قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىدۇ. بۇيىل 15- مارتتىن باشلاپ، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. دۆلەت سودا – سانائەت باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «ئىستىمالچىلار ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى جازالاش چارىسى»دا ئېنىق بەلگىلەپ، قېپىنى ئېچىپ بولۇشنى مال قايتۇرۇشنىڭ رەت قىلىش سەۋەبى قىلىشقا بولمايدۇ، مال قايتۇرۇشنى قەستەن رەت قىلغان، ئارقىغا سوزغان سودىگەرلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  گەرچە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئاللىقاچان توردا مال سېتۋىلىش پۇشايمان ھوقۇقى بولغان بولسىمۇ ، بىراق ئەمىلى ئەھۋال ئىنتايىن مۇرەككەپ. جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ قېتىم تەكشۈرىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشقا قارىتا شىكايەت كۆرىنەرلىك كۆپەيگەن، كۆپىنچىسىدە مال قايتۇرۇش تەس بولغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر