باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

مىيىپ قىياپىتىگە كىرىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئەرنىڭ بېيجىڭدا ئىككى يۈرۈش ئۆيى بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن

2015.03.03 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىترو بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىنلا ناكاغا ئايلىنىدىغان ئەر
يېقىندا بىر ئەر بىكەتكە ئۆزى مېڭىپ كىرىپ، ھاجەتخانىغا كىرىپ كونا كىيىملەرنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بىردەمدىلا مىترودا تىلەمچىلىك قىلىدىغان ناكا ئەرگە ئايلانغان. يېقىندا، بېيجىڭ قاتناش باش ئەترىتى ساقچىسى كۆزىتىش ئارقىلىق تىلەمچىلىك قىلىدىغان بۇ ئەرنى تۇتقان ۋە بۇ ئەرنى ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈش قىلمىشى بىلەن ئامانلىق قوغداش بويىچە رىجىمغا ئالغان.

بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە دىققەت»مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2015-يىلى 16-فېۋرال سائەت 10:00لاردا، ئىككى پۇتى ناكا، يىرتىق، كونا كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئەر مىترودا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا خەلق ساقچىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

  قاتناش باش ئەترىتى ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ مەخسۇس 5-لىنىيەلىك مىترودا تىلەمچىلىك قىلىدىغانلىقى، ھەر قېتىم ليۇ جياياۋ مىترو بېكىتىنىڭ D ئېغىزىدىن نورمال كىشىلەردەك كىرىدىكەن ھەمدە ھاجەتخانىغا كىرىپ ئەسكى كىيملەرنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ناكا قىياپىتىگە كىرىپ مىترودا تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. بۇ ئەرنىڭ تىلەمچىلىك قىلىدىغان لىنىيەسى مۇقىم بولۇپ، ھەر قېتىم تىلەمچىلىك قىلىپ خۇيشن غەربىي كوچىسىنىڭ شەرقىي ئېغىزىدا مىترودىن چۈشۈپ، قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ ليۇجياياۋ يۆنىلىشىدىكى مىتروغا چىقىپ، كۈنبويى مىترودا تىلەمچىلىك قىلىدىكەن.

  خەلق ساقچىسى تىلەمچىنى تۇتقان ۋاقىت چاغان كۈنى بولۇپ مىترودا ئادەم ئاز ئىكەن. بۇ ئەر ھەتتا تازىلىق ئۆيىگىمۇ كىرمەي دالدا يەردىلا ئەسكى كىيىملەرنى كىيىپ، مىتروغا چىققان، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ۋە ساختا مىيىپ پۇتنى مىتروغا چىققاندىن كېيىن قۇراشتۇرغان.

  ناكا قىياپىتىگە كىرىپ تىلەمچىلىك قىلىپ، بېيجىڭدا ئىككى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ فامىلىسىنىڭ لى ئىكەنلىكى، بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، لى X مىيىپ قىياپىتىگە كىرىپ تىلەمچىك قىلىپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا باشقىلاردىن ئۈچ ھەسسە كۆپ كىرىم قىلدىكەن شۇنداقلا ئۇ بېيجىڭدىن ئىككى يۈرۈش ئۆي ئىلىپ بولغان ئىكەن.

  «ناكا قىياپىتىگە كىرمىسەم باشقىلار پۇل بەرمەيدىكەن»

  لى X مۇنداق دېدى، ئۇ ئەتىگەن سائەت 9:30دىن ئاخىرقى مىتروغىچە تىلەمچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم باشقا تىلەمچىلەر كەلگەندە لى X تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدىكەن. ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا لى X ئۆزىنىڭكىنى خاتا دەپ قارىمايدىكەن ھەتتا تەرتىپ ساقلاشقا ياردەم قىلدىم دەپ قارايدىكەن. «ھازىر 5-لىنىيەدە مەندىن باشقا يەنە كىچىك بالا كۆتۈرۈۋالغان ئايال بار، كىم كەلسە شۇنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن، شۇڭا باشقىلار بۇ يەرگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر